Quantcast
Channel: پرېستان بلوگ »ئۇسلۇبلار
Viewing all articles
Browse latest Browse all 10

ئىجادىي ئۇسلۇب «پرېستان سەلتەنەت(PrestanSeltenetBeta)» سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىدى

$
0
0
ماقالە مۇندەرىجىسى

ئۇسلۇب تېخى تۇلۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە بۈگۈن سىناق نۇسخىسىنى يوللاپ تۇردۇم، ھازىرغىچە مەن سىناشقا ئىشلەتكەن توركۆرگىلەرنىڭ (Chorome, Firefox, IE8) ھەممىسىدە ئاساسەن نورمال. رەسمى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغىچە دوستلار بەھۇزۇر چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان خاتالىقلارنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ prestan@qq.com غا يوللاپ قويساڭلار، ئۇندىن باشقا پىكىر تەلەپ بولسا مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ.

ئۇسلۇب ئىقتىدارى

ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارى ھەققىدە مەزكۇر يازمىدا ئالاھىدە توختالمايمەن، ئالاھىدىراق يەرلىرىدىن مۇكەممەل ئالدى-ئارقا سۇپىسىغا، باشبەت ۋە يازما بېتىدە ئوخشىمايدىغان يان بۆلەك قىسىمى، بەت يېڭىلىمايلا ئىنكاس يوللاش ۋە ئۆزگەرتىش ئىقتىدارلىرى ۋە باشبەتتە باشقۇرۇش بېتىگە ئۆتۈش كونۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يازما مۇندەرىجىسى قوشۇلدى. قالغان كىچىك ئىقتىدارلىرىنى ئۆزەڭلار ئالدىرماي بايقىۋالساڭلار بولىدۇ.

رەسىملىك كۆرۈنىشى

prestan_seltenet_beta_01.jpg

ئۇسلۇبنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش

كۆرۈش
چۈشۈرۈش


Viewing all articles
Browse latest Browse all 10